سۈرەتخانىمىزنىڭ بىرىنجى قەۋىتى سىزنى توي سۈرەت، خاتىرە سۈرەت، بەدىئى سۈرەت ۋە ئولچەملىك كىنىشكا سۈرەتلەرنى تارتىش، سۈرەت چوڭايتىش، سۈرەت يۇيۇش مۇلازىمەتلىرى بىلەن سىزگە كۆڭلىڭىزدىكىدەك مۇلازىمەت قىلسا ئىككىنجى قەۋىتىدىكى يولچى توي گىرىم توي سۈرەتچىلىك ئورنىمىز سىزنى توي گىرىم قىلىش، يۈرۈشلۈك تويلۇق ئالبۇم، تويلۇق سۈرەتلەرنى تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق رازى قىلىدۇ.   گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىز ..... شىرىن دەملىرىڭىز ...... رۇمانتىك، تاتلىق مىنۇتلىرىڭىز يولچىدا، قەشقەر يولچى  سۈرەتخانىسى.
يولچى ئىيتار چىن سەمىيمى تېلىدا،
گۈزەللىك يار سىزگە دوستۇم يولچىدا.
جۇشقۇن ياشلىق گۈل ھاياتنىڭ بىغى ئۇ،
يولچى بىرلە شادلىق قاينار دىلىڭدا.

دوسىتلار، گۈزەل مىنۇتلارنى، شادىيانە چاغلارنى مەڭگۈلۈك ئەسلىتىدىغان "يولچى" سىلەرنىڭ تەبەسسۇمىڭلارغا، شادللىقىڭلارغا دائىم ھەمرا، ئۇ گاھىدا سىلەرنىڭ ئوماق بالىلىقىڭلارنى غۇبارسىز ئاق چىچەكلەرگە پۈركۈسە، گاھىدا سۆيگۈ تىنىقلىرىدا دولقۇنلاۋاتقان قەلبىڭلارنى باھار پەسلىگە باشلاپ كىرگۈسى. گاھىدا دىلىڭىزدىن ئازاپلىق غەم-قايغۇلارنى ھەيدەپ، بەخىتلىك ھىسلارغا چۈمدۈرسە، گاھىدا تۇغۇلغان كۈنۈڭلارنىڭ، قۇتلۇق مەرىكەڭلارنىڭ، قىرانلىق مەزگىلىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرسىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلغۇسى. دوسىتلار گۈزەل ھۆسۈن-جامالىڭلارنى، كىلىشكەن قەددى-قامىتىڭلارنى تىخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، قايتا سەنئەتلىك نامايەن قىلىپ، ئەستىلىك سۈپىتىدە ساقلىغۇڭلار، دوسىتلىرىڭلارغا، ئەۋلادلارغا يالداما قىلغۇڭلار بارمۇ؟ ئۇنداقتا ھىچ ئىكلەنمەي "يولچى" غا مەرھەمەت قىلىڭلار!

قەشقەر يولچى فوتو سۈرەتچىلىكى 2006- يىلى 5- ئايدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى جەنوبى دەرۋازىسى ئالدىغا قۇرۇلغان.
سۈرەتخانىمىز ئىزچىل ھالدا يىڭىلىق يارتىش ۋە ئوبراز يارتىپ سۈرتكە تارتىش ئىددىيىسىنى، "سۈپەت بىلەن كەلگۈسىنى يارتىمىز، ئىشەنىچ بىلەن دۇنيانى قاپلايمىز" دىگەن شۇئارىمىزنى  ئاساس قىلىپ سۈپەتنى ئەڭ موھىم ئورۇنغا قويۇپ شەھىرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ  قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاددىيغىنە كىنىشكا سۈرەتلىرى ۋە خاتىرە سۈرەتلىرىنى تارتىشتىن ھازىرقى يۈرۈشلەشكەن تويلۇق سۈرەت، تويلۇق ئالبۇم ۋە سەنئەتلىك خاتىرە سۈرەتلىرىنى تارتىشقا تەرەققى قىلدى.  ھەمدە سۈپەت ئۆتكىلىدە خىرىدارلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رازى قىلىش ئۈچۈن ئۈسكىنىلەرگە ئالاھىدە كۆپ مەبلەغ ئاجىرىتىپ كەلدى.
2012 -يىلى 1- ئايدا سۈرەتخانىمىز كونا يىڭى خىرىدارلىرىمىزنى تىخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە رازى قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس توي سۈرەتكە تارتىش مەركىزى تەسىس قىلىدۇق، بۇ جەرياندا شارائىتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن مىللىي خاسلىقتىكى ئەرەنچە، ئايالچە كىيىملەرنى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ  تىكتۈرۈپ خىرىدارلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئۇيغۇر يىگىت قىزلىرىنىڭ ھەقىيقى سالاپىتى ۋە گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ مىللىيچە خاسلىقتىكى توي سۈرەتلىرى يوق بولۇشتەك ئىشلارغا خاتىمە بىرىلدى.

سۈرەتخانىمىز سىفىرلىق سۈرەتكە تارتىش، كومپىيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىپ چوڭايتىپ جاھازىلاش ۋە ئالبۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا تايانماي ئەڭ ئىلغار سۈرەتچىلىك ئەسھەلىرىدىن پايدىلىنىپ  كەسپى خىزمەتچىلىرىمىز بىر قوللۇق ئۆزى قىلىپ پۈتكۈزىدۇ، شۇڭا سۈرەتخانىمىزدا تارتىلغان مەيلى ئاددىي كىنىشكا سۈرەت، خاتىرە سۈرەتلىرى بولسۇن ياكى ئالىي خىرۇستال موقاۋىلىق ئالبۇم، خىرۇستال جازا، توي سۈرەتلىرى, تويلۇق ئالبۇم بولسۇن  سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى، باھاسى كۆرىنەرلىك ئەرزان. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل، قىنى سىزمۇ سۈرەتخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ سۈرەتخانىمىزدا تارتىلغان تويلۇق سۈرەت ۋە تويلۇق ئالبۇملارنى كۆرۈپ بىقىڭ. كەلگەن قەدىمىڭىزگە رازى بولغىدەك مولازىمىتىمىز بىلەن بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىگىنىڭىزگە سەمىيمى رەخمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.